خىيالچان بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ
Typecho ئۇلىنىش قىستۇرمىسى
يېقىندا بىلوگقا ئۇلىنىش ئېسىش ئۈچۈن تورلارنى ئارلاۋېتىپ ئۇلىنىش قىستۇرمىسىدىن بىرنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.
قارسام ئىقتىدارى خېلى بولىدىكەن شۇڭا تەرجىمە قىلىپ ، بىلوگقا ئورنىتىۋالدىم ھەمدە مەزكۇر يازما ئارقىلىق ھەمبەھىرلەشنى توغرا تاپتىم.
قىستۇرمە كۆرۈنمە يۈزى :
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن ، بەتتىن بىرنى قۇرۇپ مۇۋاپىق ئورۇنغا ئاستىدىكى كودنى قىستۇرسىڭىزلا بولىدۇ:
<?php $this->links("SHOW_IMG", 0, "ALL", 64); ?>
پارامېتىر ئۇچۇرى
پارامېتىر | ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىممەت | كۆڭۈلدىكى قىممەت | ئىزاھات |
---|---|---|---|
ھالەت | SHOW_TEXT SHOW_IMG SHOW_MIX | SHOW_TEXT | پەقەت خەتلىك ئۇلىنىش پەقەت رەسىملىك ئۇلىنىش رەسىم + خەتلىك ئۇلىنىش |
سانى | پۈتۈن سان | 0 (چەكلەنمەيدۇ) | كۆرسىتىلدىغان ئۇلىنىش سانى |
تۈرى | تۈر نامى | All (بارلىق تۈر) | بەلگىلەنگەن تۈردىكى ئۇلىنىشنى كۆرسىتىش |
رەسىم زازمىرى | پۈتۈن سان | 32 (پىكسىل) | ئۇلىنىش رەسىمىنىڭ زازمىرى |
خوش ئەمدى قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : Links_RMN8PC.zip